ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە تەشكىللەنگەن
قىزلارنى زورلاپ ئەۋەتىلگەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىينىڭ ھاللىق سەۋىيىگە يىتىش چاقىرىقىنىڭ تۈرۈتكىسىدە دىيارىمىزتەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيە بازارلىرىدا ھەربىر ئائىلىدىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى تەشكىللەپ ئىچكىرىدىكى مەلۇم زاۋۇتلاردا ئىشلەپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلدى،لىكىن بەزىبىر جايلاردا مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئشلەشكە ئەۋەتىلىۋاتىدۇ،ئەگەر ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى ،مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئائىلىسى قىزىنىڭ زاۋۇتتا ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا مۇھتاج ئەمەس بولسىمۇ تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئىشلەشكە ئەۋەتىشنىڭ بىرەر قانۇنى ئاساسى بارمۇ يوقمۇ ،مەسلەھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار! ئەينەن ئەھۋال :ھازىر بىزنىڭ ناھىيە تەۋەسىدە يۇقارقى سىياسەتنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن بىر تۈركۈم قىزلارنى ئىچىكىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكچى،جەمئى 100دىن كۆپرەك ئادەم .تەلەپ 85-يىلدىن كىيىن تۇغۇلغان بولۇش ،توي قىلمىغان بولۇش كېرەك بىرىنجى تۈركۈمدىكىلەر مۇشۇ ھەپتە يولغا چىقىدۇ ،جەمئى تۆت تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەۋەتىلىدۇ،ئەگەر بېرىشقا قوشۇلمىسا ،نۇپۇسىنى ئۆچۈرىۋىتىش،توي خىتى كەسمەسلىك ،توختاملىق ئۇرۇندا ئىشلەۋاتقان بولسا خىزمەتتىن ھەيدەش 5يىلغىچە مەزكۇر ناھىيە ئىچىدە ئىشقائورۇنلاشتۇرماسلىق ،ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقان ئائىلە بولسا تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى توختىتىۋىتىش قاتارلىق چارە تەدبىرلەر قوللىنىلىدىكەن. بىز نىڭ مەھەللىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ،ئائىلىسىدە يالغۇزبىرلا قىز ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بۇقىزنىڭ زاۋۇتتا ئىشلەپ پۇل تېپىپ كىلىشىگە قارشى ،قىزىنىڭمۇ بارغىسى يوق. لىكىن ئەگەر قارشىلىق قىلسا يۇقارقى چارىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشتىن قورقۇپ بىرىنجى تۈركۈمدە يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ يەنە ئائىلىدە بىر ئاكاسىڭىل پەرزەنت ،دادىسى بىرئاينىڭ ئالدىدا ئۈلۈپ كەتكەن. ئاكىسى توي قىلغان . ئاكىسى ئەر ئايال ھەر ئىككىلسىنىڭ مۇقۇم كىرىم مەنبەسى يوق، سىڭلىسى مەلۇم بىر ئورۇندا توختاملىق خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ،لىكن مۇقۇم كىرىم مەنبەسى بولمىغان ئاكىسى ۋە ئاكىسىنىڭ ئايالى كىرمەي سىڭلىسى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتتا ئىشلەپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككىنجى تۈركۈمدە كىرىشكەتەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. كۆپچىلىكتىن سورايدىغىنىم ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىچكىردىكى زاۋاتلاردا ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىيارى ئېلىپ بىرىلامدۇ ياكى يۇقارقىدەك تەھدىت سېلىپ مەجبۇرلاشنىڭ مەجبۇرلاشنىڭ قانۇنى ئاساسى بارمۇ؟
(سالقىن تورىدىن ئېلىندى)
0 بېرىلگەن باھا:
ئىنكاس يېزىڭ