ئولىمپىك يىلىدىكى جوڭگو مىللەتپەرۋەرلىگى
(شەبنەم تورىدىن ئېلىندى)
ئو ت م نىڭ جوڭگودا ئۆتكىزىلىشى ،جوڭگونىڭ ئورنىنى ھەقىقەتەن يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ،ھەمدە خەلق-ئاممىسىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك كەيپىياتىنىمۇ يۇقۇرى پەللىگە يەتكۈزىدۇ.لېكىن بۇنداق تەسىرلەر تولاراق پىسخولوگىيەلىك قاتلامغا تەۋە.ئەمىلى قاتلام يۈزىدە،تارىختىن بۇيان ھەرقانداق بىر دۆلەت ئو ت م ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ سىياسى تۈزۈمىدە،ئىقتىسادى ئېشىشىدا،دىپلوماتىيەلىك ئالاقىسىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يوق.
ئو ت م يىلىدىكى جوڭگو مىللەتپەرۋەرلىگى 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئو ت م ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسى مۇۋەپپەققىيەتلىك بولغاندىن بېرى،ئو ت م كۆپ قىسىم جوڭگولۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇ پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپلا قالماي،بەلكى جوڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىدىكى بىر مۇھىم سىمۋول بولۇپ قالدى،جوڭگونىڭ پۈتۈن دۇنياغا 30يىللىق ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى كۆزنەك بولۇپ قالدى،پۈتۈن دۇنيا كۆرۈرمەنلىرىنى جوڭگوغا جەلپ قىلىپ ،جوڭگونى چۈشىنىش،جوڭگونى قوبۇل قىلىشتىكى ئالتۇن پەسلى بولۇپ قالدى؛ھەمدە جوڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى،دۇنيانى جەلپ قىلىشى ،دۇنيا بىلەن ئورتاق بىر گەۋدە بولۇشىغا ئەڭ ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ قالدى. ماركو پولودىن بېتيونغىچە،ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى سىتىرومدىن ھازىرقى ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى لۇكېۋېن(Kevin Rudd،خەنزۇچىغا پىشششىق)غىچە،جوڭگولۇقلار ئۈزلۈكسىز ئۆز خاھىشلىرى بويىچە بولغان ئىنتېرناتسىئونالىزىملىق تەربىيەسىگە غەرق بولغان ئىدى،ئۆتكەن ئازاپ-ئوقىبەتلەرنى ئۇنتىغان ئىدى،بۇ دۇنيانى ھەممە ئىش خوشاللىق بىلەن تولغان دوستانە چوڭ ئائىلە ھىساپلىغان ئىدى.لېكىن بۇ يىلدىن باشلاپ ئو ت م نى چۆرىدىگەن ھالدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋاقىەلەر_غەرپنىڭ جوڭگونىڭ دارفورد مەسىلىسىدە تۇرغان مەيدانىنى قىيىن-قىستاققا ئېلىشى،سىپىربورگنىڭ ئو ت م سەنئەت مەسلىھەتچىلىگىدىن ئىستىپا بېرىشى،شىزاڭدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە ئو ت م مەشئەل يەتكۈزىلىشىدىكى توسقۇنلۇق-قارشىلىقلار ۋە جوڭگونىڭ بۇ ئەھۋاللارغا نىسبەتەن تۇتقان يولى ۋە نامايىش ھەركەتلىرى ،نۇرغۇنلىغان ۋەتەنداشلار قەلبىدىكى غايىۋى«خەلقارالىق جەمىيەت»ئوبرازىنى يەنە بىر قېتىم غۇلاتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش،چەتئەللىكلەرنىڭ كۆرگىنىمۇ سوغاققان،ئېچىۋېتىلگەن ۋە كۆڭلى-كۆكسى كەڭرى جوڭگونىڭ دۇنياغا كىرىپ كېلىشى بولماستىن،بەلكى بېكىنمە،كۈچلۈك -ئۆكتەم ۋە غەزەپلەنگەن جوڭگونىڭ دۇنياغا بۆسۈپ كىرىشى بولدى.ئو ت م يىلىدىكى جوڭگونىڭ مىللەتپەرۋەرلىگى(中国的民族主义)غەربنى يەنە بىر قېتىم ھەيراندا قالدۇردى؛خەلقارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرى بولسىمۇ،مەلۇم جەھەتتىكى مەشئەل يەتكۈزۈلۈشكە قارشى ھەركەتلەرى سوغاققان بولمىغان بولسىمۇ،لېكىن ئو ت م يىلىدىكى جوڭگو مىللەتپەرۋەرلىگىنىڭ كەسكىن ئىپادىلىنىشى،سانسىزلىغان كىشىلەرنى ۋە جوڭگونىڭ ئۆزىنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى.زادى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان قىزىل بايراق،ئۇرۇش مارشى ۋە شۇئاردىن باشقا جوڭگو دۇنياغا تېخىمۇ مەدىنىيەتلىكراق مەزمۇن ۋە ھەركىتىنى كۆرسىتىشكە ئامالسىزمۇ؟ جوڭگو زادى دۇنياغا «چوڭ دۆلەتنىڭ قايتا باش كۆتىرىشى»دىكى قايسى خىل ساپا ۋە ئوبرازىنى ئىپادىلىمەكچى؟
سىياسى ئو ت م دىن ساقلانغىلى بولمايدۇ بۇ يىل 3-ئايدا خەلقارا ئولىمپىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى روگ ئالاھىدە قىلىپ :بىز ئو ت م نىڭ سىياسىلىشىشىنى قوللىمايمىز ،چۈنكى ئۇ ئولىمپىك روھىنىڭ ئاياقلاشقانلىغىنى بىلدۈرىدۇ _دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.ئۇزۇندىن بېرى «تەنھەركەت تەنھەركەتكە تەۋە،سىياسى سىياسىغا»_ئولىمپىكنىڭ ئاساسى مەقسىدى ۋە كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئارزۇسى بولغان بولسىمۇ ،لېكىن ئەمىلىيەتتە ئو ت م بىلەن سىياسى نىڭ مۇناسىۋەتسىزلىگى پەقەت ئۆز خاھىشىمىز بويىچە ئېيتىلغان بىر گەپ خالاس. 1980-يىلى موسكۋا ئو ت مىدا،سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىگىدىن،غەرپ دۇنياسى ۋە جوڭگو شۇ يىلقى موسكۋا ئو ت م ىنى بايقۇت قىلدى؛1984-يىلى ئالدىنقى قېتىملىق بايقۇت قىلىنغانلىقتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن،سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىغىدىكى شەرقى ياۋروپا لاگېرى لوس-ئانژېلېس ئو ت م ىنى بايقۇت قىلدى،مانا بۇ سىياسىنىڭ ئولىمپىكقا ئارىلاشقىنىنىڭ كەڭ ساھەدىكى كىشىلەرگە ئۇقۇشلۇق بولغان مىسالىدۇر.ئولىمپىكنىڭ تەسىرى كۈنسېرى مۇھىم بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ئولىمپىك بىلەن سىياسىنى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش مۈمكىن بولمايدىغان مەسىلە. ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئو ت م نىڭ بىرقانچە فۇنكىتسىيەلىرىنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ مىللى ئىپتىخارلىق ھىسسىياتىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىگىنى بەلگىلىدى.ئۇ دۆلەتلەر ۋە رايۇنلار بويىچە تەنھەركەتچىلەرنى ئايرىپ،مىللى خۇسۇسى نامايەندىسىنى ئو ت م نىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىگە سىڭدۈرگەن.ئو ت م كەنتىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز بايراقلىرى لەپىلدەپ تۇرىدۇ،ھەربىر تەنھەركەتچى مەيدىسىگە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان دۆلەتنىڭ ئىزنىگى ياكى بەلگىلىسى تاقىلىشى كىرەك،بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر دۆلەت ۋە رايۇن بويىچە تىزىلىدۇ،دۆلەتنى بىرلىك قىلغان مېدال ئىستاتىسكا قىلىش ئۇسۇلى،مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەركەتچىنىڭ مىللى قەھرىمانغا ئايلىنىشى......دۆلەتنىڭ تەنھەركەتتىكى ئورنى بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسى ئورنى ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغۇچ مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس بولسىمۇ،لېكىن كىشىلەر ئو ت م ئارقىلىق مىللى ئىناۋىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى بەكرەك خالايدۇ ،ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ باشقا جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلىماقچى بولىدۇ،تەنھەركەتچىنىڭ غەلىبىسى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىناۋىتى ئۆزارا زىچ باغلانغان بولىدۇ. جوڭگودا ،تەنھەركەت بىلەن سىياسىنىڭ بۇنداق ساقلانغىلى بولمايدىغان باغلىنىشى كىشىلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.1840-يىلىدىكى جوڭگو بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى سوقۇلۇشتىن بېرى جوڭگو بىرمەزگىل غەرپلىكلەر تەرىپىدىن «شەرقى ئاسىيا كېسەلمەنلىرى»دەپ قارالدى.دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن،بۇ نومۇسنى يۇيۇش ئۈچۈن،تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىدىكى ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش، پان سىياسى-مىللەتچىلىكنىڭ بىر سىمۋوللۇق بەلگىسى بولۇشى بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئۆتە ئېغىر «كۈچلۈك دۆلەت بولۇش» ئارمانلىرىنى ئارتىۋالدى. ماۋزېدوڭ ۋاقتىدا مىللەتپەرۋەرلىك «جوڭگولۇقلار مانا ئەمدى ئورنىدىن دەس تۇردى»دىگەن شۇئار ئىچىگە مۇجەسسەملەنگەن ئىدى،1960-يىللىرى ،جوڭگو تىكتاك توپىنىڭ كۆتۈرۈلىشى ۋە كىشىنى مەغرۇرلاندۇرىدىغان نەتىجىلىرى،بولۇپمۇ ئۆز ۋاقتىدىكى تىك تاك توپ ساھەسىدىكى «زومىگەر»سانالغان ياپونىيەنى يېڭىشى،بۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىسىگە ئايلانغان ئىدى.شۇ چاغلاردا جوڭگو تىك تاك توپ كوماندا ئەزالىرىنىڭ غەلىبىسى ھەتتا «خەلق گېزىتى»نىڭ باش بېتىگە چىقالىغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن تىك تاك توپ «دۆلەت توپى»بولۇپ قالدى،مۈرىسىگە جوڭگولۇقلار ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت «كۈچلۈك دۆلەت بولۇش» ۋەزىپىسىنى ئالغاندىن سىرت،يەنە ئۆ ۋاقتىدىكى «تىك تاك توپ دىپلوماتىيەسى»نىڭ ۋاستىسىمۇ بولغان ئىدى.«دۆلەت توپى»نىڭ جوڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئوينىغان رولىمۇ جوڭگولۇقلارنىڭ سىياسى ئەسلىمىسىگە ئايلانغان ئىدى. دېڭشاۋپىڭ دەۋرىدە،مىللەتپەرۋەرلىك «جوڭخۇانى گۈللەندۈرۈش»دىگەن چۇقانغا مۇجەسسەملەنگەن ئىدى،ھەتتا بۇ شۇئار دەل تەنھەركەت ساھەسىدىن كېلىپ چىققان ئىدى،جوڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ كۆتۈرىلىشى ۋە ئۇدا 5قېتىم چىمپىيون بولۇشى،پارتىيە-مەركەزنىڭ يۇقۇرى دەرىجىدە مۇكاپات-ماختىشىغا ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى،بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق ئالى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ ئالدىدا «ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىدىن ئۈگىنىپ جوڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى»دىگەن شۇارنى توۋلاپ چىقتى،شۇنىڭ بىلەن «جوڭخۇانى گۈللەندۈرۈش»ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان «ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى»روھى دەرھاللا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىدىيولوگىيە ئوقۇتۇش ماتىرىيالى سۈپىتىدە پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ،ھەرساھە-ھەركەسپتىكىلەرنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. 1990-يىلىدىن كېيىن،جوڭگو دېموكراتىزىمىنىڭ يادرولۇق شۇئارى«جوڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك قايتا گۈللىنىشى»بولدى.ئۆز ۋاقتىدىكى ئالاھىدە سىياسى مۇھىتتا، تەنھەركەت زىممىسىگە يېڭى سىياسى ۋەزىپىلەرنى ئالدى.بېيجىڭ ئاسىيا تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنىشىدىن كېيىن،بېيجىڭنىڭ ئو ت م نى ئىلتىماس قىلىش قارارى «سىياسى تەنھەركەت»نىڭ مۇھىم ۋەزىپەسىگە ئايلاندى،ئەمما 1993-يىلىدىكى بېيجىڭ ئو ت مى ئىلتىماسىنىڭ مەغلۇبىيىتى يۈز يىللىق نومۇسلۇق ئەسلىمىنىڭ غىدىقلىنىپ قايتىدىن تىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،شۇنىڭ بىلەن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى بىر قېتىملىق مىللەتپەرۋەرلىك چوڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2001-يىلى بېيجىڭ يەنە بىر قېتىم ئو ت م نى ئىلتىماس قىلدى،بۇ چاغدا جوڭگو پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، ئىقتىسادى-سودا جەھەتتىكى تەسىر كۈچى ئارقىلىق سىياسىغا تاقابىل تۇرۇش ئىزچىل تاكتىكىسىنى ئىشلىتىش بىلەنلا قالماي يەنە تۇنجى نۆۋەت دۇنيادىكى داڭلىق «مۇناسىۋەت ئورنىتىش»شىركىتىنى تەكلىپ قىلىپ بۇ ئىلتىماسنى پىلانلىدى ۋە بولاپ پەدازلىدى،ھەمدە خەلقارالىق جەمىيەتكە كىشىلىك ھوقۇق ،سۆزلەش ئەركىنلىگى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە ۋەدە بەردى.ئو ت م ئىلتىماسىنىڭ غەلىبىلىك بولغان شۇ كۈنى ئاخشىمى ،بېيجىڭدا مىليوندىن ئارتۇق ئامما كوچىلارغا چىقىپ تەبرىكلىدى،مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە كېچىچە تەنتەنە قىلىندى ،دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قارار چىقىرىش قاتلىمىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئەسىر سۇپىسىدىكى تەبرىكلەش چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىپلا قالماي،يەنە تيەنئەنمېن راۋىغىغا چىقىپ خەلق بىلەن بىرگە قۇتلۇقلىدى.بىرمەزگىل «يۈز يىللىق چۈش-ئارمىنىمىز ئەمەلگە ئاشتى»،«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك قايتا گۈللىنىشى»دىگەندەك شۇئارلار جوڭگونىڭ يەر يۈزىنى بىر ئالدى. باشقا دۆلەتلەرنىڭ شەھەرلىرى ئو ت م ئۆتكۈزۈشتىكى ئېڭىدىن پەرقلىق ھالدا ،يېقىنقى 7يىلدىن بېرىقى جوڭگودا دۆلەت مىقياسىدا ئو ت م غا تەييارلىق قىلىش ھالىتى شەكىللەندى.بىر بۆلۈم ئو ت م نى تەشۋىق قىلىش فىلىمىغا 35مىللىون پۇل سەرپ قىلىنغىدىن قارىغاندا،بېيجىڭ ئو ت م ىنىڭ سەرپىياتى دەسلەپكى خامچوتى 1مىللىيارد 625مىللىوندىن كۆپ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى،باشقا جەھەتتىكى ماددى ،مالىيە ۋە ئادەم كۈچى سەرپىياتىنى سانغا سۇندۇرۇش مۈمكىن ئەمەس دەرىجىدە ئىدى.ئەڭ دەسلەپكى تەشۋىقاتتا ،ھۆكۈمەت دائىرلىرى مەقسەتلىك ھالدا ئو ت م نى دۆلەتنى كۈچەيتىش،ۋەتەنپەرۋەرلىك،مىللەتپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى بىلەن باغلاشتۇرغان ئىدى. ئو ت م نىڭ جوڭگودا ئۆتكىزىلىشى ھەقىقەتەن جوڭگونىڭ ئورنىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرىلىشى،خەلق ئاممىسىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك كەيپىياتىنى يۇقۇرى پەللىگە يەتكۈزىشىگە مۈمكىنچىلىك ھازىرلىدى،لېكىن بۇ بىر قاتار تەسىرلەر پەقەت پىسخولوگىيە قاتلىمى يۈزىدىلا ئىدى.ئەمىلىيەت قاتلىمى يۈزىدە ،بىز تارىختىن تەكشۈرۈپ كۈزەتسەك،دۇنيادا بىرمۇ دۆلەت ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسى تۈزۈمىدە،ئىقتىسادى يۈكسىلىشىدە،دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە ھەقىقى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىلىشى بولمىغان.ئولىمپىك ئۆتكۈزگەن دۆلەتلەردىن،بۇرۇن تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغىغان دۆلەتلەر،مەسىلەن ناتسىستلار گېرمانىيەسى،سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىقلار،مۆرىتى كەلگەندە يەنىلا ئەسكەر چىقىۋەرگەن،ئولىمپىك ئۆتكۈزگەنلىك يۈزىسىدىن يۇمشاق قول بولمىغان؛جەنۇبى كورىيەنىڭ ھەربى مۇستەبىت ھۆكۈمەتتىن دېموكراتىيەلىك دۆلەتكە ئايلىنىشىدىكى سەۋەپمۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئو ت م ئۆتكۈزگەنلىگىدىن بولمىغان؛1980-يىلىدىكى موسكۋا ئو ت م ىمۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ دېموكراتىيەگە يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانىدى. لېكىن ئەمىلىيەتتىكى ئەھۋال،جوڭگو خەلقارالىق جەمىيەتكە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىگىنى ياخشىلاش توغۇرسىدا ۋەدىلەرنى بەردى،ھەمدە ئىنتايىن چوڭ تىرىشچانلىقلارنىمۇ كۆرسەتتى،لېكىن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە كىشىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت،دىپلوماتىيە ساھەسىدە جوڭگو ئىناق بولغان ئولىمپىك مۇھىتى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن،بىر قىسىم دۆلەتلەرگە مەنپەئەت جەھەتتە كۆرىنەرلىك يول قويدى،لېكىن ئولىمپىك مەشئەل يەتكۈزۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن سوقۇلۇشلار بۇ جەھەتتىكى مۇنەسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلارنى يۈتىۋەتتى؛ئىقتىسادى ساھەدە ،ئەسلىدە ئۈمىت قىلغان «ئولىمپىك ئېففېكتى»،ماكرولۇق مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھالەتكە يەتتى،پاي چېكى بازىرىدىكى قايتا-قايتا تەۋرىنىش،ساياھەتچىلىك بازىرىدىكى ۋىزا تەستىقلاش تۈزۈمىنىڭ چىڭىيىشىدىن ،ئەسلىدە ئۈمىت قىلغان قۇدۇق يامراش خاراكتىرلىق ياخشى ۋەزىيەتمۇ كۆرۈلمىدى.ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئولىمپىك، مىللى روھنى ئۇرغۇتقاندىن باشقا، باشقا ساھەلەردىكى ئېففېكتى كىشىلەر ئۈمىت قىلغاندەك دەرىجىدە چوڭ بولىشىمۇ مۈمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.
ئولىمپىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئولىمپىكنى چۆرىدىگەن جوڭگو مىللەتپەرۋەرلىگى كەيپىياتى غەربنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇق-زومىگەرلىگىنى ،ھەتتا ئۇچۇر تېرورىزىمىنى مەلۇم دەرىجىدە نېيتراللاشتۇرۇپ ھىساپتىن كۆتىرىۋەتتى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم مۇستەققىل غەرپ ئۆلىمالىرىنىڭ ئۆزلىرىدە ساقلانغان تۇرغاقلىشىپ قالغان تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈپ كۆرىشىگە ھەيدەكچى بولدى.شۇنىسى ئوچۇقكى،بىر قەۋم توپىدا مەلۇم دەرىجىدە مىللەتپەرۋەرلىك بولغاندىلا ئۇيۇشۇش كۈچى بولىدۇ،لېكىن ئۆتە كۈچلۈك بولغان،ئۇچىغا چىققان ئەسەبى مىللەتچىلىك ئەڭ ئاخىرىدا ئاسانلا يېتەكلىگۈچى يۆلۈنۈشتىكى دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ،ھەتتا قارشىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇشى ئۆزىنىڭ «بەگلەرگە قالدۇرغان ھىكمەتلەر»دىگەن كىتاۋىدا مۇنداق يازغان ئىدى: ھەقىقى باتۇر،قورقماس كىشى سوغاققانلىق ۋە ئىدراك بىلەن مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىدۇ.يامان نىيەت بىلەن تۆھمەت قىلىنغان ۋە ئاشۇرىۋېتىلگەن،بۇرمىلانغان ئەمىلىيەت ئالدىدا ھىچكىمگە ئامال بولمايدۇ،باشقىلارنىڭ ئېغىزىنى ئېتىشقا ھوقۇقمۇ يوق،بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پەقەت ئېغىر-بېسىق،مۆتىدىل ۋە ئەمىلىيەتچانلىق بىلەن سالماق يۈزتۇرانە تۇرۇشتۇر. مۇشۇ ئەھمىيەتتىن قارىغاندا ،جوڭگولۇقلارنىڭ بۇ يىلدىكى بىر قاتار ئولىمپىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردىكى ئىپادىسى،ناھايىتى يۇقۇرى دەرىجىدە يەنىلا شۇ«شەمشىرىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ كۆكرەك كېرىپ» چىققان«جاسارىتى بار،پاراسىتى يوق»ئىش بولدى:مىڭلىغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر غەزەپتىن چىشلىرىنى غىچىرلىتىشتى،مۇشتلىرىنى تۈگۈشتى،ئېغىزدا تارقالغان كاررىفورد پايچىكلىرىنىڭ تىبەت مۇستەققىللىغىنى قوللىغانلىغى ئۈستىدىكى سۆز-چۆچەك سەۋەپ ،كاررىفوردنى بايقۇت قىلماقچى بولدى،ئەمما ھىچكىممۇ بۇ گەپنىڭ ئىسپاتى بارمۇ،ئىسپاتى قەيەردىن قولغا چۈشۈرۈلگەن توغۇرلۇق ئويلىشىپ باقمىدى.بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر ھەقىقەتەن مۇھەببەت-نەپرەت مەۋقەسىدە بولغان،لېكىن بۇ ئىشلار غەرب دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ،جوڭگونىڭ «چوڭ دۆلەت»لىك ئوبرازىنىمۇ تىكلىيەلمەيدۇ. 1840-يىلىدىن كېيىن،ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى،ئىمپىرىيالىستلارغا قارشى تۇرۇپ مۇنقەرز بولغان ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى بىر ئەسىرلىك مىللەتنىڭ ”ئاساسلىق مېلودىيەسى“ قىلدى.چەتئەل تاجاۋۇزىغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە ئۆتمىشىدىكى سەلتەنەتىگە بولغان ئەسلىمە،جوڭگولۇقلارنى چەتئەللىكلەرنىڭ دوستانە بولمىغان ھالىتى ئالدىدا سەگەك ۋە سوغاققان بولىشىغا پەقەتلا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى. ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق مىللەتپەرۋەرلىك گەپ-سۆزلىرىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى،ئالدى بىلەن ئەشۇ پەۋقۇللاددە مۇھىتتا،ئىدىيولوگىيەنىڭ مىللەتپەرۋەرلىكتىن ياردەم تەلەپ قىلغان ئېھتىياجىدىن ئىدى.يىللار مابەينىدىكى ”سىياسى ھەممىگە قوماندانلىق قىلىش“تىن ۋە ئىدىيولوگىيە تەربىيەسىدىن تاۋلانغان ئاددى پۇقرالارنى سىياسەتبازلارغا ئەگىشىپ ئەمەلدار تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان، ھەر بىر كىشى خۇددى بۇلۇتلار ئۈستىدە دەسسەپ تۇرغاندەك مەردلەرچە بۇرچ ھىسسىياتى بىلەن تولغان،لېكىن سەگەك بولغان مۇستەققىل تەپەككۇر ۋە ھۆكۈم چىقىرىشتىن مۇستەسنا قىلىپ قويغان ئىدى. مىللېر.ستېلىپ ئاساسلىق رول ئالغان «پرادا كەيگەن ئايال پادىشا»دىگەن كىنودا مۇنداق بىر قىزىقارلىق كۆرۈنۈش بار،مودا ئايال پادىشاھى ياردەمچىسىگە بىر كۆك كۆينەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مودا كىيىم سانائىتىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرىدۇ:بۇ يىلقى مودا بولىدىغان رەڭ ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان،ئالدى بىلەنT سەھنىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ،ئاندىن كىيىم دۇكانلىرىغا ئېسىلىدۇ،ئەڭ ئاخىرىدا ئېتىبار باھادا سۇندۇرۇلۇپ دۆۋىلىنىپ سېتىلىدۇ.سەن ئۆزەڭچە سەن سېتىۋالغان كىيىمنى ئۆزەڭ تاللىغان دەپ قارامسەن،ئەمىلىيەتتە باشقىلار ئاللىقاچان بېكىتىپ قويغان.گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر»لىكىنى ئۆزلىگىدىن قەلبىدىن قوزغالغان دەۋالىدۇ،لېكىن ناھايىتى يۇقۇرى دەرىجىدە بۇ پەقەت ئىدىيەدىكى «كۆك كۆينەك »خالاس.ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرگە بۇغىنىسى ئۆزلىرىگە ئايان. بىر خىل قىزىقارلىق ھادىسە مۇنداق،نۇرغۇن جوڭگولۇقلار ئادەتتە بىر قەدەر كۈچلۈك تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىگە ۋە تەنقىت قىلىش روھىغا ئىگە،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى،ئەتراپىدىكى ئادالەتسىزلىكلەر توغۇرلۇق گەپ بولۇنغاندا،ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى دائىم ئورۇنلۇق بولىدۇ،لېكىن خەلقارالىق تالاش-تارتىش،ماجرالار چىقىپ قالدىمۇ، يىراق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ئىشلار توغۇرلۇق باھا بېرىپ ھۆكۈم قىلىپ بېقىش ئىمكانىيىتىدە،جەمىيەت-مەدىنىيەت،قانۇن- سىياسەت،ئۆرپ-ئادەتلەر بىزنىڭ مۇھىتىمىز بىلەن زور پەرقلىق بولسا،ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى دەرھاللا قارغۇلاشتۇرۇپ باشقىلار نىمە دىسە شۇنى دەيدىغان بولىدۇ.مىللى ھىسسىياتنىڭ ئەسەبىلەرچە قاندۇرۇلىشى،ئالدى بىلەن ئۇچۇرنىڭ كەمچىللىگى ۋە ئۇچۇرنىڭ بۇرمىلانغانلىغى مەسىلىسىدۇر. پىسخولوگىيەلىك قاتلام يۈزىدىن قارىغاندا،«ۋەتەنپەرۋەرلىك»بايرىغى ئاستىدا،پەس كىشىلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارىلىقتا «ناھايىتى كۈچلۈك»بولىۋالالايدۇ.ئۇ كىشىلەرگە ۋاقىتلىق ئۆزىنىڭ پەسلىگىنى ۋە ئازابىنى ئۇنتۇش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ.ئۇچىغا چىققان ئەسەبى مىللەتپەرۋەرلىك شۇئارلىرىنى تەرغىپ قىلىش جەريانىدا مەۋھۈم بولغان«بۈيۈكلۈك»ۋە «قەھرىمانلىق»تۇيغۇسى قېزىۋېلىنىپ ھىس قىلىنىدۇ.بۇ «ھىسسى جەھەتتىكى كۈچلۈك-بۈيۈكلۈك»تۇيغۇسى ئۈچۈن مىللەت چوقۇم بەدەل تۆلەشتىن ساقلىنالمايدۇ،قانداقلا دىمەيلى،دۇنيادا بىكارغا بېرىدىغان چۈشلۈك تاماق يوق.ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش،ئامىرىكىغا يېتىشىۋېلىش،ئەنگىلىيەدىن ئېشىپ كېتىش ،كوممۇنىزىمغا يۈگرەپ كىرىشلەرنىڭ ھەممىسى بىزنى«كۈچلۈك-بۈيۈك»ھىس قىلدۇرغان ئىدى،لېكىن ئېھتىمال،ئەڭ چوڭ بەدەل بىزنىڭ «كۈچلۈك-بۈيۈك»بىلەن بولغان ئارىلىغىمىز بارغانچە يېقىنلىشىش ئەمەس،ئەكسىنچە بارغانچە يىراقلىشىش بولدى.تارىخنىڭ سىرلىق تەرىپى شۇكى،ئەسەبى مىللەتپەرۋەرلىك بىر تەرەپتىن ئاجىزلارنىڭ «ئىزىم»ى،يەنە بىر تەرەپتىن دائىم ئاجىزلارنىڭ نامرات-ئاجىز ھالىتىدىن قۇتۇلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ،ئۇ ئاجىزلارنى «كۈچلۈك»قىلالمايدىغان بىر مەسلەكتۇر خالاس. ھەربىر قېتىملىق ئو ت م لارنىڭ ھەممىسىدە بايقۇت قىلىش پائالىيەتلىرى بولۇپ تۇرىدۇ، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان ھال-دەرتلىرىنى شىكايەت قىلىۋېلىشىغا سەۋر قىلىشىمىز كېرەك،نىمىلا دىگەن بىلەن،كۆپچىلىكنىڭ ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان مەنپەئەتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ.چوڭ دۆلەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى مۇقەررەر ھالدا ھەرخىل توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرايدۇ،بۇ خىل توسقۇنلۇقلار خىلمۇ-خىل ۋە چوڭ-كىچىك ئوخشاش بولمايدۇ.بۇ ھەرقانداق بىر چوڭ دۆلەت مۇقەررەر ھالدا دۇچ كېلىدىغان ئەمىلىيەت.ئامېرىكا دۇنيانىڭ چوڭامى بولۇشى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىدى؟ئۇنىڭ گىراژدانلىرى چەتئەللەردىكى مەلۇم رايونلاردا دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ئوۋلاپ ئۆلۈرىدىغان نىشانى بولدى؛ئۇ قەيەرگىلا بارسۇن ،قارشىلىق كۆرسىتىش-نامايىشلار ئەگىشىپلا تۇرىدۇ.ئامېرىكا يەنىلا ئامېرىكا پېتى تۇرمامدۇ؟ جوڭگو بۇ بىرنەچچى يىللاردىن بېرى ماددى جەھەتتە مەلۇم قاتلام يۈزىدە ئاللىقاچان دۇنياۋى چوڭ دۆلەت ئورنىغا يەتتى،لېكىن روھى قاتلام يۈزىدە چوڭ دۆلەت بولۇش تەييارلىغىنى كۆرۈپ قويدىمۇ؟ئەگەر بىز پەقەت چوڭ دۆلەت بولۇشتىن كەلگەن قولايلىقلار-ياخشىلىقلاردىن ھوزۇرلىنىشنىلا ئويلاپ ،شۇنىڭ بىلەن تەڭ كەلگەن چۈشىنىلمەسلىك ۋە ئەيىپلىنىشلەرنى ئۈستىمىزگە ئېلىشنى خالىمىساق،ئۇنداقتا بىز بىر لاياقەتلىك چوڭ دۆلەت بولالماي قالىمىز.قەلب-ئەقىلنى ئۇتىدىغان دۆلەتلەر ئارا ئۇچۇر تارقىتىش ئۇرۇشىدا ،ئاددىغىنە غەزەپلىنىش ھىچنىمىگە دال بولالمايدۇ،بىرتەرەپلىمە قاراش،ئاداۋەت ھەتتا نادانلىقلار ئالدىدا ،بىز يەنىمۇ قىممىتى بولغان،ئىجاتكارانە ئەھمىيەتكە ئىگە ،ئىنسانپەرۋەرلەرچە بولغان ئەمما قاتتىق-قۇرۇق بولمىغان پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىقمىز،چەتئەلگە بىر ھەقىقى جوڭگونى تونۇشتۇرۇش_بۇمۇ جوڭگونىڭ ئىقتىسات يەرشارىشىلىشىش دەۋرىدىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى.
مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ كەلگۈسى يېقىنقى زامان جوڭگولۇقلىرىنىڭ مىللى مۇستەققىللىققا ئىنتىلىشى، شەخسى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىنتىلىشى بىلەن تەڭ قەدەم باسقان بولۇپ،مىللەتپەرۋەرلىك بىلەن دېموكراتىيە بىرجۈپ قوش-گېزەكلەردىن بولغان.دېموكراتىيە ۋە خەلق ھوقۇقى ئۇقۇمى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى جوڭگوغا كىرگەن.ئەڭ بۇرۇن بۇ قىممەتنى تەرغىپ قىلغانلار ئاساسلىغى كوڭزى مەدىنىيىتىنىڭ تاۋلىشىدىن ئۆتكەن ،لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىدىغان زىيالىلار ئىدى،مەسىلەن گوسوڭتاۋ،شۆفۇچېڭ قاتارلىقلار تۇنجى قېتىم ياۋروپاغا بېرىپ غەرپ دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ ئەمىلى يۈرگۈزۈلۈش جەريانىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن،ھەتتا ئوخشىمىغان ئېغىزدىن تەڭلا ئاۋازدا بۇ خىل تۈزۈمنى مەشھۇر «3دەۋردىكى ئىدارە قىلىش»بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىشقان ئىدى. لېكىن ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىدىيىسى دېموكراتىيە ئىدىيەسىنى بېسىپ چۈشكەنلىك ئەمىلىيىتى،جوڭگونىڭ مىللەتپەرۋەرلىگىنى باشتىن ئاخىر شەخسى ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلمايدىغان ۋە ھوقۇققا كۈچلۈك ھالدا چەكلىمە قويمايدىغان يېتەرسىزلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قويغان،ئۇ دائىم سىياسى ھوقۇقنىڭ غالچىلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالغان .چۈنكى مىللەتپەرۋەرلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللى ھىسسىيات ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇش ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھەربىر سىياسى قارا نىيىتى بولغان كىشىلەرنىڭ كۆز تىكىپ پايدىلىنىدىغان ئۆتكۈر قورالى ئىدى. بەزى ئالىملارنىڭ دىيىشىچە ،مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ھازىرقى جوڭگودا كىچىك بولمىغان پاسسىپ تەسىرلىرى بولغان،پاسسىپ تەسىرى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلەنگەن:1-،ئۇ مىللى ئازاتلىق ھەركىتى ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرۈش كۈچى ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئۇيۇشۇش كۈچى تەمىنلەش بىلەن بىرگە ،دائىم ئەركىنلىك-دېموكراتىيە ئىدىيەسىنى چەتكە قاقىدۇ ۋە بوغىدۇ؛2-،ئىمپىرىيالىستلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ۋە ئېكىسپالاتاتسىيەسىگە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە ،ياتلارنى يەكلەش(排外主义)مەسلەكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛3-دىن،ئۇ دائىم ئېتىراپ قىلغان نىشاننىڭ خاتا ئورۇندا بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:ئۇ مەدىنىيەتىزىمنى سىياسى پىرىنسىپقا دەسسىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنى قوغداشنى ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىنى قوغداش قىلىپ قويىدۇ. جوڭگونىڭ مىللەتپەرۋەرلىگى دائىم مىللەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى باھانە قىلىپ،خەلقنىڭ دەرد-ئەلىمىنى كۆرمەسكە سالىدۇ، ياكى ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكىزىۋېتىدۇ__مىللى مەنپەئەت پۈتۈن خەلقنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەنپەئەتى بولىدىكەن،ھەمدە مىللەت ئىشلىرى شۇنچىۋالا ئۇلۇغۋار ئىكەن،قانچىلىك دەرىجىدىكى ئۇلۇغۋار ئىشلار،ئۆزى ئۈچۈن شۇنچىلىك دەرىجىدە قۇربان بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشكە ئېھتىياجلىق ئىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەربىرىمىز مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەدەل تۆلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار،ھەممىمىزنىڭ بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئازاپ ئوقۇبەتكە چىداش مەسئۇلىيىتىمىز بار__مەيلى زاۋۇتلاردىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ ئىشسىز قالايلى،ياكى يول ياساش سەۋەپلىك ئۆي-ماكانىمىز ھەقسىز ئىشلىتىۋېلىنغان بولسۇن... بىز يەنە بۇ ئىشلارنىڭ ۋاقىتلىق بولىدىغانلىغى توغۇرسىدا خەۋەرلەندۈرىلىمىز،پەرەز قىلىپ باقايلى،شەخسنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەت زىيان-چىقىمى بەدىلىگە پۈتۈن مىللەتنىڭ بۈيۈك قايتا گۈللىنىشىنى تېگىشىش ھەم ئىقتىساتچىللىق ھەم ئالىجاناپلىق ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا مىللەتپەرۋەرلىك ،يەنە دائىم بىرنەچچى ”پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۇلۇغ نىشانلىرى“نى تىكلىۋېلىپ كۆپچىلىكنى شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشى،كۈرەش قىلىشى ھەتتا قۇربان بېرىشىنى دەۋەت قىلىدۇ.مەسىلەن،توپىلاڭنى باستۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش،ئىقتىسادى قۇرۇلۇش،دۆلەتنىڭ مۇقىملىغى،مىللەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى....ۋاھاكازالار.پەقەت ئۇ ئېھتىياجلىق بولسا،خالىغان ۋاقىتتا ھەر بىر كىشىنىڭ قۇربان بېرىشىغا ئەرزىيدىغان ئۇلۇغۋار نىشانلار تەييار بولىدۇ،ھەمدە ئۇنى مىللەتنىڭ تۈپكى مەنپەئەتى دەۋالىدۇ.مەيلى خالىغان ۋاقىتتا،پەقەت مەلۇم كىشىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقىغا ئېرىشىش جىگىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن،ئۇ مىللەتنىڭ تۈپكى مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىدۇ،پۈتۈن خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. يەنە «مىللەتنىڭ جىنايەتچىلىرى»نامىدا ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرگە زەربە بېرىش.مىللەتپەرۋەرلىك ئاللىقاچان پۈتۈن مىللەتنىڭ بىربىرىگە زىچ باغلانغان بىرلىك مۇداپىيە سېپى بەرپا قىلغانلىغى ئۈچۈن،ھەرقانداق رېئاللىقتىن نارازى بولىدىغان ۋە ئۆزگەرتىش تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسى خەلق بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىك دەپ قارىلىدۇ،ئۆزىنى خەلق بىلەن جۇدا قىلغان ئىكەن،چوقۇم ئۇنىڭغا قىلچە يۇمشاق قول بولمىغان دىكتاتۇرا ئىشلىتىش كېرەك.ئەگەر بۇ كىشىلەرنىڭ چەتئەلدىكى مەلۇم تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بولسا ،ئۇلار تېخىمۇ مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرى ھىساپلىنىدۇ.بۇ ھازىرقى جەمىيەتكە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان پىكرى بار بولغان كىشىگە دائىم ئۆزىنىڭ ھەرقانداق چەتئەل تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلىغىنى ،ھەرقانداق چەتئەل تەشكىلاتلارنىڭ نەپەقەسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئاقىۋىتىگە ئەكىلىپ قويغان.چۈنكى «خەلق»مەڭگۈ مىللەت مەنپەئەتىنى ساتقان كىشى ياكى تەشكىلاتنى قوللىمايدۇ ئەمەسمۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جوڭگودىكى مىللەتپەرۋەرلىك چوقۇم تۆۋەندىكى بىر سۇئالغا جاۋاپ بېرىشى كېرەك:“مىللەت”تىن ئىبارەت بۇ توپلىما ئىگىز ھالدا بېشىمىزدا كۆتۈرۈلىۋالغاندىن كېيىن،بۇ توپلىمىنىڭ سانسىز ئۇششاق ئەزاسى بولغان شەخس ،ئۇ زادى قانداق قىممەتكە ئىگە؟مۆلچەرلەنگەن يېڭى مىللى دۆلەتتە شەخسنىڭ زادى قانداق ئورنى بار؟بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا،خەلق ئۇچىغا چىققان مىللەتپەرۋەرلىك ئەسەبىلىگى ئاستىدا ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن خالىغانچە تالان -تاراج قىلىنىدىغان بىر ئوچۇم قارقوساقلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى،ئەنگىلىيە،ئامېرىكىغا ئوخشاش بۇ تۈردىكى ئەركىنلىك ئىدىيەسى(自由主义)ئەنئەنىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم چوڭقۇر بولغان دۆلەتلەردە ،ئەزەلدىن ھەيۋەتلىك-كەڭ مىقياستىكى مىللەتپەرۋەرلىك ھەركەتلىرى بولۇپ باققان ئەمەس؛ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش تۆت ئەتراپى دۈشمەنلىرى بىلەن قورشالغان،كۈندە ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدىغان دۆلەتتىمۇ كۈچلۈك بولغان «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى»دەك روھى ھالەت ۋە ياتلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش پىسخولوگىيەسى شەكىللەنگەن ئەمەس.بۇ بىزنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئوچۇقكى ،ئەگەر مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىمىز دەيدىكەنمىز،مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ كونكىرت مەۋجۇتلىغىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە دېموكراتىك-قانۇنى تۈزۈم ۋە ئەركىنلىك،ھوقۇق،ئادالەت قاتارلىق قىممەتلەر، سىرتقى دۇنياغا بولغان كەڭ كۆلەملىك ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇش... ئارقىلىق مىللەتپەرۋەرلىككە چەكلىمە قويۇشىمىز ۋە بويسۇندۇرىشىمىز كېرەك،ئۇنىڭ رولىنى مەلۇم بىر دائىرىدە چەكلىشىمىز كېرەك،مۇشۇنداق قىلغاندىلا مىللەتپەرۋەرلىك كەيپىياتى كونتىرولسىز قالىدىغان ۋەزىيەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،مىللەتنى قىزغىن سۆيىمىز،دۆلەتنى قىزغىن سۆيىمىز دەيدىكەنمىز،ئالدى بىلەن ئەركىنلىك-دېموكراتىيەنى تاۋلىشىمىز(锻造) كېرەك. ئو ت م غا قايتساق،ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئەگەر فرانسىيە كوماندىسى،ياپونىيە كوماندىسى مەيدانغا چۈشۈپ مۇسابىقە ئوينىغاندا جوڭگولۇق كۆرۈرمەنلەر «ئەكسىچە بارىكاللا»ئېيتارمۇ؟ cnnبېيجىڭدا مۇخبىرلىق زىيارىتى قىلغاندا يول بويىدىكى كىشىلەردە مەدىنىيەتسىز سۆز-.ئىبارىلەر،قىلمىشلار بولارمۇ؟غەرب ساياھەتچىلىرى ئۇچىلىرىغا ئوخشىمىغان پىكىردىكى رەسىم-شەكىللىك كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگەندە،ئەتراپتىكى كىشىلەردە زوراۋانلىق قىلىش يۈزلىنىشى بولارمۇ؟دەپ تەشۋىشلىنىۋاتىدۇ.ھازىرقى بىلگەن خەۋىرىمىز شۇكى،دائىرلىرىمىز ھەرخىل بىخەتەرلىك قوغداش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن،ئۈنۈملۈك بولىدىغان-بولمايدىغانلىغىنى دىمەيلى،كىشىلەر ئەنسىرىگىدەك ئىشلار بولمىغان تەقدىردىمۇ ،بۇ ئەھۋاللار ئۇچىغا چىققان مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ئاللىقاچان بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق،ھوقۇق تەرىپىدىن قەپەزگە سولاندى خالاس. گۇاڭجۇ گېزىتخانىسى گېزىتچىلىك گۇرۇھى قارمىغىدىكى «جەنۇب شامىلى كۆزنىگى»ژورنىلى 2008-يىللىق 7.29، 15-سانىدىكى سەرلەۋھەلىك ماقالىدىن تەرجىمە قىلىندى.(南风窗,2008.7.16-7.29 第15期)
0 بېرىلگەن باھا:
ئىنكاس يېزىڭ