
بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش
(نۇرمۇھەممەت مۇھەممەتئىمىن قاراساي)
«ئىككى ئاساسەن »كىلىمىش ، ئاۋۋال بىزنىڭ مەكتەپكە،
قىز-ئۇغۇللار تىزىلسۇن ،رەتلىك بۇلۇپ بىر سەپكە.
مەن چىقىمەن ئالدىغا، مارافۇنچە ھۆرمەتكە
ئەگەر سەپنى بۇزۇشساڭ ،بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
ساقال-بۇرۇت ئەپ يۈرۈش ،تۈك قالمىسۇن يۈزۈڭدە،
«ئىككى ئاساسەن» مەزمۇنى، بىلىنىپ تۇرسۇن سۈزۈڭدە.
ئەكىس ئەتسۇن خۇشاللىق ،ھەتتاكى قاش-كۆزۈڭدە،
چاتاق چىقسا خىزمەتتىن، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
ئۈچ ۋاخ قىلغان يوقلامدىن، زىرىكىشكە رۇخسەت يوق
تەنقىتلەيمەن،تىللايمەن ،تىرىكىشكە رۇخسەت يوق.
ئىككى-ئۈچتىن بىر بۇلۇپ ،بىرىكىشكە رۇخسەت يۇق،
چىدىمىساڭ تەنقىتكە ،بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
مەن دىگەندە بىلىشسەڭ ،ھىيلە-مىكىر چارە جىق
يىقىلمايمەن خىزمەتتىن ،خەققە بەرگەن پارە جىق
مەللىمىزدە شۇڭلاشقا ،ئاخۇنۇمدىن قارى جىق،
شۇنى بىلسەڭ كۇپايە ،بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش
سوغا-سالام بەرمىسەڭ ،خىزمەت دىگەن ئاقامدۇ،
يوقلاپ كەلسەڭ قۇرۇق قول، گەپ قۇلاققا ياقامدۇ.
پۇل بەرمىسەڭ مۇمايمۇ، بىر قايرىلىپ باقامدۇ
پۇل بولمىسا يانجۇقتا، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
كىتەلمىسەڭ يۇرتۇڭغا، بۇنى مەندىن كۆرۈشتۈڭ،
يۆتكىلىمەن دەپ تېخى ، خام-خىياللار سۆرۈشتۈڭ.
مېنى قۇشۇپ ناخشاڭغا، مۇقام توۋلاپ يۆرۈشتۈڭ،
يۆتكەلسەڭمۇ يۆتكىلىپ ، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
شەنبە كۈنى دەم ئالماي، ئېتىز-ئېرىق قىرلايسەن،
يەكشەنبىمۇ كىتىشمەي ، جوزا-بەندىڭ سىرلايسەن.
رۇخسەت سورماي كىتىشسەڭ ، ئۆزجېنىڭنى قىينايسەن،
گەر كىچىكسەڭ يوقلامغا، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
مۇدىر تۇرسام مەن تېخى، ھەجەپ بەكمۇ قېرىشتىڭ،
ھەپتە ياتتىم ئاغرىپ ، قانچىڭ يوقلاپ بېرىشتىڭ.
جىدەل قىلىپ مەن بىلەن، چوڭ بالانى تېرىشتىڭ،
يەنە شۇنداق قىلىشساڭ، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
بەزەنلىرىڭ كەينىمدە، مېىنى غالجىر ئىت دەپسەن،
ئەسكى تامنى ئۇز قىلىپ، تۇقۇپ قويغان چىت دەپسەن.
يېقىن تۇرۇپ چاقىدۇ، قولتۇقتىكى پىت دەپسەن،
يەنە شۇنداق قىلىشساڭ، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
بەزەنلىرىڭ يېتىشتىڭ، چاتاق بار دەپ يۈرەكتە،
كىلىشمىدىڭ خىزمەتكە، تاش باركەن دەپ بۆرەكتە.
بەزەنلىرىڭ ئۇخلاشتىڭ، تىرىكتۈرۈپ خورەكتە،
يەنە شۇنداڭ قىلىشساڭ، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
مېنى بومبا دىيىشتىڭ، مەن بومبىنىڭ پىلتىسى،
قېرىغاندا بۇشاپتۇ، كاللىسىنىڭ ۋېنتىسى.
مېنى دەپسەن ئۈنئالغۇ، «مۇئاۋىن»نى لېنتىسى،
يەنە شۇنداق دىيىشسەڭ، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
بەزەنلىرىڭ ئوخشايسەن، تۇزچىنىڭكى ئېشىكى،
بىلىپ قۇيۇش مەن دىگەن، بەش-ئاتارنىڭ مېشىكى.
مىخلىمىسا تۇرمايدۇ، كونا ئىشىكنىڭ كېشىكى،
خوش ياقمىسا بۇ خىزمەت، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
تۈگىمەي تۇرۇپ بۇ خىزمەت، باشلاشمىغىن سەيلىنى،
بىلىشمەمسەن سەن تېخى، باشلىقلارنىڭ پەيلىنى.
«ھاڭرىمايدۇ بايتالمۇ، مايلاپ قويسا كەينىنى»،
بويسۇنمىساڭ تۈزۈمگە، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
يېغىن ئاچسام ئاڭلىماي، چاۋاك چېلىپ داملىماي،
ھەددىڭ ئەمەس خىزمەتتە ،مېنى ئىلغار سايلىماي.
نەچچىڭ چاتاق چىقاردىڭ ،ئۆز-ئۆزەڭنى چاغلىماي،
بىلىشمىسەڭ ئۈزەڭنى، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
خۇتۇن ئالماي بىر نەچچىڭ، تېخى بويتاق يۈرۈشتۈڭ
لايىق تاپسام كۈيۈنۈپ ،تېخى قاپاق تۈرۈشتۈڭ
بويتاقلىقنىڭ دەردىنى، خېلى ئۇبدان كۆرۈشتۈڭ
يەنە بويتاق يۈرۈشسەڭ، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
قېرىشقاننى مەن بىلەن، ھامان بىر كۈن بوكلايمەن
قەستەن چاتاق چىقىرىپ ، بۇرۇتىنى چوتلايمەن.
داملاپ يۈرۈپ بىر كۈنى، چوڭ يېغىندا سوتلايمەن،
گەر مەن بىلەن قېرىشساڭ ، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
ئەل ئالدىدا مات قىلىپ ، قۇيۇشمىدىڭ يۈزۈمنى،
ياكى كۆزگە ئىلمىدىڭ، ئۆزۈم تۈزگەن تۈزۈمنى.
بۇياشمىغىن «پاختەكلەر»، مېنىڭ چېقىر كۆزۈمنى،
خىزمەتتە كۆز بۇياشساڭ، بۇ مەكتەپتىن يۇقۇلۇش.
مېنى ماختاپ بىر نەچچىڭ ، شېئىر-قۇشاق تۇقۇشتۇڭ،
غەيۋەت قىلىپ ئۆز-ئارا ، «جىبەرشى»دا يېتىشتىڭ.
بىر-بىرىڭگە ئاچچىقلاپ ، قۇرۇق پونى ئېتىشتىڭ،
يەنە شېئىر يېزىشساڭ ، بۇ مەكتەپتى يۇقۇلۇش.
2008-يىلى 9ئاينىڭ13-كۈنى قاراقاش
تولۇق ئوقۇش