ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئەرئەر QQ دا ئايالىنى سىناپ، ئايالىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان يېقىندا 35 ياشلىق تيەنجىنلىك ئەر ئادوڭنىڭ تىجارىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. شۇڭا ئۇ دائىم مېھمانخانىلاردا يېتىپ قوپۇپ، باشقا كەسپىي مۇلازىمەتچىلەر بىلەن بىرگە يەپ ئىچىپ ئويناپ، روھىي بېسىمنى يېنىكلەتمەكچى بولغان. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئەر كەسىپداشلر بولغاچقا پاراڭنىڭ تېمىسى ئاساسەن "ئەر ئۇزۇن مۇددەت سىرتتا يۈرسە ئەر يوق ئۆيدە ئايال قانداق چىدايدۇ؟" دېگەندەك گەپلەر بولۇپ تۇرغان. شۇ ھالدا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەردە ئايالى بىلەن QQ دا پاراڭلاشقان. ئۇ پاراڭلىشىش جەريانىدا كاللىسىغا: مەن ئايالىمنى بىر سىناپ باقاي! ئۇنىڭ ماڭا بولغان ساداقىتى زادى قانچىلىك ئىكەن؟ دېگەننى ئويلاپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئادوڭ باشقا بىر QQنومۇر ئېلىپ، باشقا بىر ئەر نامىدا ئايالىنىڭ نومۇرىنى قوشقان. ئۇ سۆزلىشش جەريانىدا ئايالىنىڭ بارغانچە "قىزىپ" قېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، يۈرەكلىك ھالدا بىر كېچىلىك ئەر ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولسا 800 يۇەن بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىغاندا، ئويلىمىغان يەردىن ئايالى دەرھاللا قوشۇلغان. ئادوڭ شۇھامان توردىن چۈشۈپ ئويلىغانسېرى ئايالىنىڭ ئۆزىگە خىيانەت قىلغانلىقىنى، تىجارەتتىمۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئۆزىنىڭ بەكمۇ مەغلۇبىيەتچى ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قاۋاقخانىغا كىرىپ ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ، ئاندىن سائەت 21 لەردە مېھمانخانىغا قايتىپ بىراقلا 40 تال ئۇيقۇ دورىسى ئىچىپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان. تەلىيىگە باشقىلار تەرىپىدىن ۋاقتىدا سېزىلىپ قالغاچقا، ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنغان.
مەنبە: كۈندىلىك كەچلىك گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
0 بېرىلگەن باھا:
ئىنكاس يېزىڭ